نىشانجى مەھمەت پاشا جامەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نىشانجى مەھمەت پاشا جامەسى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونى كاراگۈمرۈك مەھەللىسى نىشانجا كوچىسىغا جايلاشقان. مىمار سىنان 1584 – 1588 – يىللىرى ئارىسىدا سالغان. ئەۋلىيا چەلەبى تەزكىرەلەردە نامى تىلغا ئېلىنمايدىغان بۇ جامەنى مىمار سىناننىڭ سالغانلىقىنى يازغان.