جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سايلام باياننامەسىنى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۆلەتنىڭ كېچەلىكىگە مۇناسىۋەتلىك پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن تەنتەربىيە زالىغا كىرىپ كەلگەندە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

 ئەردوغان مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە ئالدى بىلەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە، ئاندىن «كوۋىد – 19» يۇقۇمى قاتارلىق باشقا كرىزىسلار ھەققىدە ھەمدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىرىزىسلارغا قارشى قانداق كۈرەش قىلغانلىقى - قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالدى.