تۈركمەن تىلى كەركۈكتىكى رەسمىي تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
ئىراقتىكى كەركۈك شەھىرى مول تارىخىي مەنبەلەرگە، كۆپ خىل نوپۇس قۇرۇلمىسىغا، ئىجتىمائىي جەھەتتىن بەزى خەتەرلىك لىنىيەلەرگە ئىگە.
ئەرەبلەر، كوردلار ۋە تۈركمەنلەر بۇ رايوندىكى نوپۇزلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.
تۈركمەنلەر ئۇزۇندىن بۇيان بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلماقتا.