ساراينىڭ لەززەتلىرى - 27

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئاشخانىلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «فىرىك پولۇسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوردىسىنىڭ ئاشخانىلىرىنىڭ مەشھۇر تاماقلىرىدىن بىرىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىكى بۆلۈمىدە، بىز سىلەرنى گاسترونومىيە (ئاشپەزلىك ئىلمى) نىڭ پايتەختى غازىئانتەپنى سەيلە قىلدۇرىمىز.

 باش ئاشپەز - ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىم،   تۇنجى مەدەنىيەتلەر بارلىققا كېلىپ، تەرەققىي قىلغان غازىئانتەپنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان لەززىتى «فىرىك پولۇسى» ئېتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدۇ.

         

«فىرىك پولۇسى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

 

  • چوڭ باش پىياز
  • 2 دانە يېشلمۇچ
  • 2 دانە قىزىلمۇچ
  • 1 ئىستاكان بۇلغۇر
  • 1 ئىستاكان قاينىتىلغان نوقۇت
  • 1 ئىستاكان فىرىك
  • 1 قوشۇق قىزىلمۇچ قىيامى
  • 3 قوشۇق سېرىق ماي
  • 1 ئىستاكان زەيتۇن يېغى
  • تۇز
  • قارىمۇچ
  • بارلىق ماتېرىياللارنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا يېتەرلىك مىقداردا سۇ

           

بۇ تاماقنىڭ قانداق ئېتىلىدىغانلىقىنى، باش ئاشپەز – ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق سىلەرگە تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن، سىلەرنى ازىئانتەپنى ئايلاندۇرۇپ چىقماقچىمىز.