ساراينىڭ لەززەتلىرى - 25

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئاشخانىلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «ئۆرۈك قوردىقى» ئېتىش ئۇسۇلى.

 

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوردىسىنىڭ ئاشخانىلىرىنىڭ مەشھۇر تاماقلىرىدىن بىرىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىكى بۆلۈمىدە، بىز سىلەرنى قۇرۇلۇش ۋە مۇستەقىللىق شەھىرى بولغان بىلەجىكنى سەيلە قىلدۇرىمىز.

 باش ئاشپەز - ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىم،   «پەلىتئۆزۈ كۆلى» بويىدا، بۇ ھەپتىكى تامىقىمىز «ئۆرۈك قوردىقى» نى تەييارلاش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدۇ.

         

«ئۆرۈك قوردىقى» تەييارلاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

 

  • يېرىم كىلوگىرام پاقلان قوۋۇرغۇسى
  • 15 دانە پىياز
  • 10 دانە قۇرۇق ئۆرۈك
  • 5 – 6 دانە قەلەمپۇر
  • بىر دانە دارچىن تاياقچىسى
  • 3 قوشۇق ئۈزۈم پەكمەزى
  • تۇز
  • قارىمۇچ
  • 2 ئىستاكان سۇ

           

بۇ تاماقنىڭ قانداق ئېتىلىدىغانلىقىنى، باش ئاشپەز – ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق سىلەرگە تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن، سىلەرنى بىلەجىكنى ئايلاندۇرۇپ چىقماقچىمىز.