ساراينىڭ لەززەتلىرى – 23

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئاشخانىلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «دوغاپلىق گۆش قورۇمىسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوردىسىنىڭ ئاشخانىلىرىنىڭ مەشھۇر تاماقلىرىدىن بىرىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىكى بۆلۈمىدە، بىز سىلەرنى ئەسكىشەھىرنىڭ ئەڭ كونا ئولتۇراق رايونلىرىدىن ئوتۇن بازىرىنى سەيلە قىلدۇرىمىز.

 باش ئاشپەز - ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىم،  بۇ ھەپتىكى تامىقىمىز «دوغاپلىق گۆش قورۇمىسى» قورۇش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدۇ.

                 

«دوغاپلىق گۆش قورۇمىسى» ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

 

  • بىر يېرىم كىلوگىرام پاقلان گۆشى
  • 150 گىرام  سېرىق ماي
  • 3 ئىستاكان دوغاپ
  • بىر دانە لىمون
  • تۇز
  • قارىمۇچ

           

بۇ تاماقنىڭ قانداق تەييارلىنىدىغانلىقىنى، باش ئاشپەز – ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق سىلەرگە تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن، سىلەرنى ئەسكىشەھىرنىڭ ئوتۇن بازىرىنى قىسقىچە ئايلاندۇرۇپ چىقماقچىمىز.