ساراينىڭ لەززەتلىرى (21) – بېھى تولدۇرمىسى

ئوسمانلى سارىيىنىڭ بىر – بىرىدىن ئېسىل تائاملىرىنىڭ پىشۇرۇلۇش ئۇسۇللىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان «ساراينىڭ لەززەتلىرى (ساراينىڭ مەززىلىك تائاملىرى)» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرنى ئامان – ئېسەنلىك ۋە قېرىنداشلىق جۇغراپىيەسى – ساكارياغا ئېلىپ بارىمىز. بۇ ھەپتىلىك تامىقىمىز «بېھى تولدۇرمىسى»نى گەيۋەنىڭ ياپ – يېشىل تەبىئىي مەنزىرىسىنى كېسىپ ئۆتكەن ساكاريا دەرياسى بويىدا تەييارلايمىز.

 

بۇ تاماقنى تەييارلاش ئۈچۈن كېتىدىغان نەرسىلەر:

 

6 دانە بېھى

يېرىم باغلام ياۋروپا كەرەپشىسى

1 باش پىياز

1 ئىستاكان گۈرۈچ

300 گىرام قىيما

1 قوشۇق ئۈزۈم شىرنىسى

3 قوشۇق زەيتۇن يېغى

تۇز

قارىمۇچ

يېڭى باھار (بىر خىل تەم تەڭشەش خۇرۇچى)

تارچىن

 

پىشۇرۇش ئۈچۈن

 

سۇ

زەيتۇن يېغى

ئۈزۈم شىرنىسى

 

بۇ تاماقنىڭ قانداق پىشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇستا ئاشپەز – كۈلتۈر تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككورنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق ئۆگىنىمىز. ئۆگىنىشىمىزنى بىرلىكتە ساكاريانى قىسقىلا سەيلە قىلغاندىن كېيىن باشلايمىز... قېنى مەرھەمەت!