ساراينىڭ لەززەتلىرى- 18 / بېھىلىك، پىيازلىق گۆش قورۇمىسى
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سارىيىنىڭ مەشھۇر تائاملىرىدىن «بېھىلىك، پىيازلىق گۆش قورۇمىسى» تەييارلاش ئۇسۇلى.
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سارىيى ئاشخانىلىرىنىڭ مەشھۇر تاماقلىرىدىن بىرىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىكى بۆلۈمىدە، بىز سىلەرگە، «دۇنيانىڭ 8 – مۆجىزىسى» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان، يەر يۈزىدە ھەم مەدەنىي ھەم تەبىئىي گۈزەللىك جەھەتتىن قوش مىراسقا ئىگە 36 نۇقتىدىن بىىرى بولغان پامۇكقەلئەدىكى دەنىزلىنى يەنە بىر قېتىم سەيلە قىلدۇرىمىز. باش ئاشپەز - ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىم، دەنىزلىدىكى 120 يىللىق قۇنالغۇنىڭ قورۇسىدا، بۇ ھەپتىكى تامىقىمىز «بېھىلىك، پىيازلىق گۆش قورۇمىسى» نى تەييارلاش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بۇ تاماق ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:
- بىر كۆرگەزمە پاقلان گۆشى
- بىر دانە بېھى
- ئىككى قوشۇق سېرىق ماي
- ئانار شەربىتى
- 250 گىرام پىياز
- قىزىلۇچ
- قارىمۇچ
- چۆل رەيھىنى
- تۇز
- شېكەر
بۇ تاماقنىڭ قانداق ئېتىلىدىغانلىقىنى، باش ئاشپەز – ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق سىلەرگە تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن، سىلەرنى دەنىزلى ۋە پامۇكقەلئەنى قىسقىچە ئايلاندۇرۇپ چىقماقچىمىز.