قولۋاق ساياھىتى

قولۋاقلارنىڭ دۇنيادا چاق ئىجاد قىلىنىشتىن مىڭلارچە يىل بۇرۇنلا بار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ قولۋاق بىلەن ساياھەت قىلىشنىڭ زادى قاچان باشلانغانلىقىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيدۇ. بىراق، قولۋاقلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000-يىللاردىن بۇيان كەڭ ئومۇملاشقان قاتناش ۋاستىسى بولغانلىقى پەرەز قىلىنىدۇ. كۈنىمىزدە تۈركىيە ساھىللىرىنىڭ ھەممە يېرىدە دېگىدەك قولۋاقلارنى ئىجارىگە ئالغىلى بولىدۇ. قولۋاق بىلەن ۋاقتىڭىزنى تاشيول بىلەن بارغىلى بولمايدىغان دېڭىز تۇمشۇقى ۋە ساھىللىرىنى ساياھەت قىلىپ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەلەيسىز...