ۋېنگىرىيەدە نامايىش پارتلىدى

ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا مىڭلىغان كىشىلەر كوچىغا چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق مەركىزىي ياۋروپا ئۇنىۋېرستېتىنى ۋېنگىرىيەدىن چىقىپ كېتىشىكە مەجبۇرلىشىغا قارشى نامايىش قىلدى. بۇ ئۇنىۋېرستېتنى ئامېرىكىلىق مىلياردېر جورج سوروس قۇرغان ئىدى.