شىۋېتسىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشى ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالدى. موسكۋانىڭ غەربكە كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.شۇڭا، شىۋېتسىيە  بىلەن فىنلاندىيە قوشۇمچە مۇداپىئە تەدبىرى سۈپىتىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا قوشۇلۇشنى قارار قىلدى.لېكىن، بۇ ناتونىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ماقۇللىشىغا باغلىق.