ماكېدونىيەدە چۈشۈپ كەتكەن گېرمانىيە ئايروپىلانى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپكە يېقىن جايدا تۇيۇقسىز سىگنالى ئۈزۈلۈپ قالغان گېرمانىيە ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن يېرى مۇئەييەلەشتى.

ماكېدونىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاخشام ۋاقتىغا يېقىن يوقۇلۇپ كەتكەن گېرمانىيە سودا ئايروپىلانىنىڭ ئۈسكۈپكە قاراشلىق كاتلانوۋا ناھىيەسىدىن 6 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى كۈجلە يېزىسى ئەتراپىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئايروپىلاننىڭ ئىچىدىكى كىىشلەرنىڭ سالامەتلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا سەھىيە ئەترىتى ۋە ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دېجانا نېدېلكوۋىچ ئايروپىلاندا 4 نەپەر ئىتالىيە پۇقراسى ۋە 2 نەپەر كوسوۋا پۇقراسى بولۇپ جەمئىي 6 كىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. 

نېدېلكوۋىچ بۇ كىشىلەرنىڭ كوسوۋانىڭ پايتەختى پىرىستىنگە بېرىش ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ تىرېۋىسو شەھىرىدىن ئۇچقانلىقىنى ئەسكەرتتى. تىرېۋىسو شەھىرىدىن ئۇچقان سودا ئايروپىلانىنىڭ ئاخشام ۋاقتىغا يېقىن ئۈسكۈپتىكى بۈيۈك ئىسكەندەر ئايرودورۇمىغا 10 كېلومېتىر قالغان جايدا راداردىن يوقۇلۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئارقىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى.