كاتالونيانىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدا قان تۆكۈلدى

كاتالونيادا ساقچىلار بىلەن كاتالونيالىقلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

ئىسپانىيە ساقچىلىرى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزمەكچى بولغان كاتالونياغا كۈچ ئىشلەتتى.

ياۋروپانىڭ مەركىزىدە مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

مادرىد ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي، كاتالان رايونى مۇستەقىللىق ئۈچۈن رېفېراندۇم ئۆتكۈزدى. بىراق ئىسپانىيە ساقچىلىرى بۇ ئىشقا قاتتىق چارە كۆردى.