كېنتاكى ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىدىن كېيىن ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  كېنتاكى ئىشتاتىنىڭ مايفېلد يېزىسى، سۈرئىتى سائىتىگە 300 كىلومېتىرغا يېتىدىغان ئەڭ دەھشەتلىك بوران - چاپقۇن ئاپىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى.

پەقەت مۇشۇ كىچىك يېزىدىلا نەچچە ئون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا 5 ئايلىق بوۋاقلارمۇ، 86 ياشلىق ياشانغانلارمۇ بار.

ئامانلىق ساقلىغۇچىلار، ئىشتات ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار، ساقچى مەمۇرلار ۋە مايفېلدقا قوشنا شەھەرلەردىن ۋە ناھىيەلەردىن كەلگەن كىشىلەر، كۈن بويى خىزمەت ئىشلەپ، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ھايات قالغانلارنى تېپىشقا تىرىشماقتا.