جەبەلى تارىق قىيالىقى ئۈستىدىكى «لېۋانتې» بۇلۇتى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى

تېزلىتىپ سىنغا ئېلىش تېخىنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تەييارلانغان بىر ۋىدېئودا، جەبەلى تارىق قىيالىقى ئۈستىدە لەيلەۋاتقان ھەيران قالارلىق بۇلۇت كۆرۈنۈشى ئورۇن ئالدى. ئەمەلىيەتتە، «لېۋانتې» دەپ ئاتىلىدىغان شەرق شامىلى ئاقدېڭىزدىن ئىللىق، نەم ھاۋا ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئالاھىدە بۇلۇتلارنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.