چەركەزلەرنىڭ يۇرت - ماكانلىرىدىن تىراگېدىيەلىك بىر شەكىلدە سۈرگۈن قىلىنغانلىقىغا 159 يىل بولدى

21 – ماي كۈنى ئۇدا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك جان تىكىپ قوغدىغان يۇرت – ماكانلىرىدىن  1864-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان چەركەزلەر ئۈچۈن زۇلمەتلىك بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. 

 كۆپىنچىسى مۇسۇلمان بولغان چەركەزلەر  رۇس ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا مىسلىسىز زۇلۇمغا ئۇچرىدى.  1864-يىلى يۇرت - ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىندى.

ھەر يىلى 21  - ماي كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان چەركەزلەر 1864 يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە سۈرگۈن قىلىنغان ئەجدادلىرىنى خاتىرىلەيدۇ.