بومبايدا 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تۆت قەۋەتلىك بىنانىڭ ئاستىدا قالغان 40 تىن ئارتۇق كىشىدىن ئىككىسىنىڭ جانسىز بەدىنى تېپىلدى. ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ 100 يىللىق بىنا ئىكەنلىكى، ئەتراپىدىكى بىنالاردىكى كىشىلەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تەرىپىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.