بەش ئايدىن كېيىن قۇتقۇزۇلغان دېڭىزچىلار

ئىككى ئامېرىكالىق دېڭىزچى ۋە ئۇلارنىڭ ئىتلىرى يەلكەنلىك كېمىسى بۇزۇلۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن تىنچ ئوكياندا بەش ئاي تۇرۇپ قالدى. دېڭىزچىلار ياپونىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 900 مىل كېلىدىغان جايدا تەيۋەننىڭ بىر بېلىقچى پاراخوتى تەرىپىدىن بايقىلىپ قۇتقۇزۇۋېلىندى.