بىرما رەھبىرى ئاراكاننى زىيارەت قىلدى

بىرما رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى تۇنجى قېتىم ئاراكاننى زىيارەت قىلدى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقتىن قېچىپ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان يۈز مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن پىلان تۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. ئاڭ سان سۇچى زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە جاۋابكارلارنى تېگىشلىك جازاغا تارتىش مەسىلىلىرىدە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.