ئەردوغان بىلەن شارانىڭ ئۇچرىشىشى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا زور ئىنكاس قوزغىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى يېڭى پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا زور ئىنكاس قوزغىدى.

2237308
ئەردوغان بىلەن شارانىڭ ئۇچرىشىشى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا زور ئىنكاس قوزغىدى

قاتار مەركەزلىك ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى ئەردوغان بىلەن شارانىڭ ئورتاق مەتبۇئات يىغىنىنى نەخ مەيداندىن تارقىتىپ، ئەردوغاننىڭ سۈرىيەنى قوللاش ئۇچۇرلىرى ۋە شارانىڭ «تۈركىيەنىڭ تارىخىي پوزىتسىيەسى» گە بولغان ماختىشىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلدى.

ئەل ئەرەبى تېلېۋىزىيەسىمۇ بۇ زىيارەتنى «رايونلۇق مۇقىملىق نۇقتىسىدىن ھالقىلىق قەدەم» دەپ سۈپەتلىدى.

سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سانا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئەرەبچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە تىللىرىدا تارقاتتى.  شارانىڭ «سۈرىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تارىخ ۋە جۇغراپىيەدىن ھالقىغان مۇناسىۋەتتۇر، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى تېزدىن سۈرىيەنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز» دېگەن سۆزلىرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركەزلىك ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىمۇ بۇ ئۇچرىشىشنى «مۇھىم ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئۇچرىشىشى» دەپ تەرىپلىدى.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك مۇساپىرغا ئىگىدارچىلىق قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ ئۇچرىىشىشنىڭ پاناھلانغۇچىلار سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تەرەپكە دىققەت تارتىلدى.

گرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ ئۇچرىشىشقا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى. سكاي تېلېۋىزىيەسى ئىككى رەھبەرنىڭ بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسا، ئاكتسىيە 24 تېلېۋىزىيەسى شارانىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى «مەركەزگە زىيارەت» دەپ باھالىدى.

گرېتسىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلىرىدىن كاتىمېرىنى ئەھمەد شارانىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى سۈرىيەگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى گېزىتنىڭ باش تېمىسى قىلدى.

فىرانسىيە خەۋەر قاناللىرىدىن فىرانسىيە 24، بۇ ئۇچرىشىشتا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «رايونلۇق مۇقىملىق ئۈچۈن دىپلوماتىك قەدەم» دەپ باھا بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئەھمەد شارا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇچرىشىش سۈرىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر بەتنىڭ ئېچىلىشىغا بولغان ئۈمىدلەرنى ئاشۇردى. كۆرۈشۈشنىڭ كەلگۈسىدە رايونلۇق تەڭپۇڭلۇققا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر