ئەردوغان بىلەن شارا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «سۈرىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، ئورتاق جۇغراپىيەمىزدە تېررورلۇقتىن خالىي تىنچ ۋە ئىشەنچ مۇھىتىنى ھەقىقىي مەنىدە ھۆكۈمران قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.
2237267

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ) بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
«تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ئەڭ ئۈمىدسىز ۋە قىيىن كۈنلىرىدە يالغۇز تاشلىمىغىنىمىزدەك، يېڭى دەۋردىمۇ ئۇلارغا زۆرۈر ياردەملەرنى قىلىمىز» دېگەن ئەردوغان، پىرېزىدېنت شارانىڭ تارىخىي ماھىيەتتىكى بۇ زىيارىتىنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەڭگۈلۈك دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق دەۋرىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«قوشنىمىز سۈرىيەگە قاراتقان سىياسىتىمىزنىڭ ئاساسىنى، بۇرۇندىن تارتىپ بۇ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىكىنى قوغداش تەشكىل قىلىدۇ» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، ئورتاق جۇغراپىيەمىزدە تېررورلۇقتىن خالىي تىنچ ۋە ئىشەنچ مۇھىتىنى ھەقىقىي مەنىدە ھۆكۈمران قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئۇ مېھمان پىرېزىدېنتقا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دائىش ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇقنىڭ ھەر تۈرى بىلەن كۈرەش قىلىشتا سۇرىيەگە زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.
سۈرىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخ بويى داۋاملىشىپ كەلگەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان سۈرىيە مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بولسا،: «بىز بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ھەر ساھەدە چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا ئايلاندۇرۇش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكرارلايمىز. بۇ يۆنىلىشتە، ئىنسانىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ئورتاق ھەمكارلىقىمىزنى باشلىغان بولدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، رايوندىكى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئورتاق ئىستراتېگىيە تۈزۈش باشتا بولۇپ، باشقا چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەتلەر ئۈستىدە بىرلىكتە ئىشلەۋاتىمىز. بۇ تىرىشچانلىقلار سۈرىيە ۋە تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. يىغىندا، سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى زېمىن پۈتۈنلۈكىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان تەھدىتلەرنى مۇھاكىمە قىلدۇق» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەردوغان مالايشىياغا يۈرۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالايشىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.