تۈركىيە شىۋېتسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە شىۋېتسىيەدىكى بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرى ۋە شىۋېتسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىۋېتسىيەدىكى بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ تۈنۈگۈن شىۋېتسىيەدىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە شىۋېتسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»
شىۋېتسىيە ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۆرېبرو شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا تەخمىنەن 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.
باياناتتا، يارىلانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ئۆلگەنلەر ئارىسىدا قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.