ئەھمەد شارا بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

سۈرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ) جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

2236918
ئەھمەد شارا بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارانىڭ بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئالتۇن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلىدىغان زىيارەت جەريانىدىكى سۆھبەتلەردە سۈرىيەدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە، دۆلەتتىكى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىق ئورنىتىپ، بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان ئورتاق قەدەملەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەتلەر جەريانىدا، ئۆتكۈنچى دەۋر ھۆكۈمىتى ۋە سۈرىيە خەلقىگە ھەر جەھەتتىن قىلىنىدىغان ياردەملەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالتۇن، «سۈرىيە ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن قايتا بەرپا قىلىنغان تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھۆرمەتلىك ئەھمەد شارا ۋە ھەمراھلىقىدىكى ئۈمەكنىڭ زىيارىتى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىپ، يېڭى ئۆلچەملەرگە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر