تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالاندى

تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا سېلىنما ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالاندى.

2237176
تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالاندى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن قاتارغا  يېتىپ باردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بايانىتىغا قارىغاندا، مىنىستىر گۈلەر قاتارغا يېتىپ، بارغاندىن كېيىن، زىيارىتى دائىرىسىدە  ئالدى بىلەن قاتار مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە  دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى شەيخ سەئۇد بىن ئابدۇرراھمان بىن ھەسەن بىن ئەلى ئالسانى بىلەن كۆرۈشكەن.

ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنغان ياشار گۈلەر  ئالسانى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مۇداپىئە ھەم بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:

«مىنىستىرلىقىمىزغا قاراشلىق ASFAT شىركىتى ۋە MKE شىركىتى بىلەن قاتار مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بارزان گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىملەر قاتار - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت كېلىشكەن ھەرقانداق ئۈچىنچى بىر دۆلەت بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر