تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئوخرىغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ئوخرى شەھىرىگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ 27-مارتتا باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2236816

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن ئوخرى ئەزىز پاۋلۇس ئايرودۇرۇمىغا ھەپتىدە 4 كۈن ئۆزئارا ئايروپىلان سەپەرلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، 27-مارتتا باشلىنىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ بېلىتى 90 دوللاردىن يۇقىرى باھادا سېتىلماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەردوغان مالايشىياغا يۈرۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالايشىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.