2 تېررورچى تەسلىم بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

2236818
2 تېررورچى تەسلىم بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«قەھرىمان قىسىملىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى سىلوپىدىكى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىمىزغا تەسلىم بولدى.

تېررورچىلار ئۈچۈن بىردىنبىر چىقىش يولى تۈركىيەنىڭ ئادالىتىگە تەسلىم بولۇشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر