ئۆنجۈ كەچەلى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تۈركىيە ۋە ئىراقنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆنجۈ كەچەلى ئىككى ئىراق ئەسكىرىنىڭ پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
ئۆنجۈ كەچەلى ئىراق چېگىرا قىسىملىرى قوماندانلىقىغا قاراشلىق ئىككى چېگىرا قاراۋۇلىنىڭ تۈنۈگۈن دۆھۇك شەھىرىدە پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن كېچىدە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى ۋە شېھىت بولغان ئەسكەرلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت شۇنداقلا ھۇجۇمدا يارىلانغان ئەسكەرگە تىزراق شىپالىق تىلىدى.
ئۆنجۈ كەچەلى: «پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە ۋە ئىراقنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. بۇ قېتىمقى ھۇجۇم تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى - بەشىرىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.
باياناتچى ئۈنجۈ كېچەلى، تېررورىزمغا قارشى ئىراق بىلەن بىرلىكتە مۇشتەرەك كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراقنىڭ دۆھۇك شەھىرىدە كېچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىدا ئىككى ئىراق چېگىرا قاراۋۇلى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.