خاقان فىدان بۈگۈن باغدادتا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۈگۈن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادقا بارىدۇ.

2234431
خاقان فىدان بۈگۈن باغدادتا زىيارەتتە بولىدۇ

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر فىدان بۈگۈن باغدادتا ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.

فىداننىڭ ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئىراق پىرېزىدېنتى ئابدۇللەتىپ رەشىد، ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەس-سۇدانى، ئىراق پارلامېنتى رەئىسى مەھمۇد مەشھەدانى ۋە ئىراق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانلانماقتا.

ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە-ئىراق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر ۋە رايون خاراكتېرلىق يېڭى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر