ئەردوغان: تېررورسىز تۈركىيە يارىتىش نىشانىمىزغا چوقۇم يېتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «بىز بارلىق ئاماللارنى قىلىپ تېررورسىز تۈركىيە بەرپا قىلىش نىشانىمىزغا چوقۇم يېتىمىز» دېدى.

2234393
ئەردوغان: تېررورسىز تۈركىيە يارىتىش نىشانىمىزغا چوقۇم يېتىمىز

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نۇر تاتار تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋان ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزى جەريانىدا، «دۆلىتىمىزنى 40 يىلدىن بېرى قېنىمىزنى شوراۋاتقان تېررورلۇق بالاسىدىن تەلتۈكۈس قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن، نىشانلىرىمىزغا تېز سۈرئەتتە يېتىمىز. 85 مىليون (خەلق)نىڭ ئارىسىغا سېلىغان تېررورلۇق توسمىسىنىڭ يىقىلىشى بىلەن بىز بىر-بىرىمىزگە تېخىمۇ چىڭ يېپىشىمىز، تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىشىمىز. بىز بارلىق ئاماللارنى قىلىپ تېررورسىز تۈركىيە بەرپا قىلىش نىشانىمىزغا چوقۇم يېتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر