يېڭى يىلنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مۇھىم قارارلارنى چىقاردى.

2233573
يېڭى يىلنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى ئېچىلدى

دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى 2025-يىلىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىندا بىر قاتار مۇھىم قارارلارنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قاراردا، پ ك ك / ك ج ك – پ ي د/ ي پ گ، فەتۆ ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، سۈرىيە خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە پاراۋانلىققا ئېرىشىشىنى قوللاشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. غەززەدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش يولىدا قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ غەززە خەلقىگە ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.

كېڭەشتە يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارالىق قانۇننى دەپسەندە قىلغان ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە بالقان قاتارلىق جايلاردىكى تىنچلىق  ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۇنياۋى تىنچلىققا تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر