ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبىرى تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بولۇ قارتالقايادىكى ھالاكەتلىك ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

2233704
ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبىرى تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

بولۇ قارتالقايادىكى مېھمانخانا ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت رەئىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارتالقايادىكى مېھمانخانا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 78 گە يەتكەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر