تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى سۈرىيە ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سۈرىيە ئايروپىلان قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

2233510
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى سۈرىيە ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 2012-يىلى 1-ئاپرېلدا سۈرىيەدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن توختىتىۋەتكەن ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى بۈگۈن قايتا باشلىدى. شىركەتنىڭ «TK 846» ئۇچۇش كودلۇق ئايروپىلانى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن دەمەشىقكە قاراپ يولغا چىقتى.

بۈگۈن سەھەر ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا كەلگەن يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى ئالدىدا خۇشاللىقلىرىنى ئىزھار قىلىشتى؛ نۇرغۇن سۈرىيەلىكلەر ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىشنىڭ خۇشاللىقىغا چۆمدى. بەزى يولۇچىلار سۈرىيە ئىنقىلاب بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى.

بېلەت ۋە پاسپورت تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن 349 يولۇچى ئايروپىلانغا چىقتى. تۈركىيە ۋاقتى سائەت 09:00دە قوزغالغان ئايروپىلاننىڭ تەخمىنەن ئىككى سائەتلىك ئۇچۇشتىن كېيىن دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونۇشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر