ئاسلى گۈۋەن: «غەززەدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش ئۈمىد نۇرى ئېلىپ كەلدى
تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىللىكىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلار باشقۇرغۇچىسى ئاسلى گۈۋەن، كېچىكىپ قالغان بولسىمۇ غەززەدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۈمىد نۇرى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈۋەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىندا سۆز قىلدى.
ئاسلى گۈۋەن: «غەززەدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش ئۈمىد نۇرى ئېلىپ كەلدى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى، مۇقىملىشىشى ۋە غەززەگە جىددىي ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە مۇقىم ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن گۈۋەن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىن چېكىنىشى، ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ جىددىي ۋە ئۈزۈلمەي يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىللىكىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلار باشقۇرغۇچىسى گۈۋەن: «داۋاملىشىۋاتقان قانۇنسىز ئىشغالىيەت ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدۇر. تۈركىيە بۇ ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئۈچۈن بىردىنبىر ئەمەلىي چارە بولغان ئىككى دۆلەتلىك ھەلل قىلىش چارىسى نىشانىغا سادىق» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2024-يىلى سېنتەبىردىكى قارارىغا ئاساسەن، قانۇنسىز ئىشغالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە پەلەستىننىڭ تولۇق ئەزا دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئاسلى گۈۋەن: «ئۆتكەن 15 ئايدا سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر جازاسىز قالماسلىقى كېرەك. توپ ھالدا جازالاش، پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئىنسانىي ياردەم خادىملىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملار جازاسىز قالماسلىقى كېرەك» دېدى.
مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتلەرنىڭ دەرھال باشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن گۈۋەن، سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:
«مەسىلىنىڭ يىلتىزىدىكى سەۋەبلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرالايمىز ۋە ئوتتۇرا شەرقتە داۋاملاشقان تىنچلىق ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىتلارنى يارىتالايمىز. بۇ جەھەتتە، بىخەتەرلىك كېڭىشىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز. دۆلىتىمىز بۇ يۆنىلىشتىكى تىرىشچانلىقلارنى قوللاش ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەردوغان مالايشىياغا يۈرۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالايشىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.