فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىرىزىس باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئەزاسى لاھبىب بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز يېڭى دەۋردە سۈرىيەنىڭ ئېمبارگولاردىن قۇتۇلۇپ، ئىقتىسادىنىڭ نورمال بولۇشى، مىليونلىغان مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنچ ۋە بىخەتەر ھالدا يۇرتىغا قايتىشى» دېدى.

2232697
فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىرىزىس باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئەزاسى لاھبىب بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈنۈگۈن (20-يانۋار) مىنىستىرلىقتا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باراۋەرلىك، تەييارلىق ۋە كىرىزىس باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئەزاسى خادجا لاھبىب بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ: «لاھبىب تۈنۈگۈن (19-يانۋار) سۈرىيەنى زىيارەت قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى باشقۇرۇشتا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە كۆزىتىش ئېلىپ باردى» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ يېڭى دەۋردە سۈرىيەنىڭ ئېمبارگولاردىن قۇتۇلۇپ، ئىقتىسادىنىڭ نورمال بولۇشى، مىليونلىغان مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنچ ۋە بىخەتەر ھالدا يۇرتىغا قايتىشى. بىز بۇ مەسىلىدە ئۇلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىمىز.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باراۋەرلىك، تەييارلىق ۋە كىرىزىس باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئەزاسى خادجا لاھبىب ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قىلغان ياردەملىرىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈركىيەنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان باسقان قەدەملىرى ۋە مۇساپىرلارغا قىلغان قوللىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە زور ياردەم بەردى ۋە ھازىرمۇ داۋاملىق قوللىماقتا» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كاندىدات دۆلىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ھەمراھى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇقرالارنى قوغداش مېخانىزمى رامكىسىدا، ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە ئەڭ ئاكتىپ شېرىك دۆلەت» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر