تۈركىيە نىگېرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە نىگېرىيەدە يېقىلغۇ توشۇيدىغان بىر تانكېر ئاپتوموبىلنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا ۋە نىگېرىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نىگېرىيەنىڭ شىمالىدىكى نىگېر ئۆلكىسىگە قاراشلىق گۇرارا رايونىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن يېقىلغۇ توشۇيدىغان تانكېر ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقىسىگە مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا گۇرارا رايونىدا تۈنۈگۈن يېقىلغۇ ئاپتوموبىلى پارتلاش نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ئۆلۈملەردىن چوڭقۇر قايغۇ ھېس قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا ۋە نىگېرىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى ۋە يارىلانغانلارغا تېزراق شىپالىق تىلەندى.
نىگېر ئۆلكىسىگە قاراشلىق دىككو-ماجە تاشيولىدا تۈنۈگۈن يېقىلغۇ توشۇيدىغان بىر تانكېر ئاپتوموبىل ھەددىدىن زىيادە تېز سۈرئەت سەۋەبىدىن كونتروللۇقتىن چىقىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئىدى.
ئەتراپتىكىلەر ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئاپتوموبىلدىكى يېقۇلغۇنى بوشىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقان ۋاقتتا ئاپتوموبىل پارتلىغان ئىدى.
نىگېرىيە ئۆلكىلىك جىددىي ۋەزىيەتلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پارتلاش نەتىجىسىدە 86 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 55 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.