سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكو ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.
2232269

مېھمان باش مىنىستىر پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ.
ئاندىن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.
سۆھبەتتە تۈركىيە بىلەن سلوۋاكىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلاشقا تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە. تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق نۆۋەتتىكى رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.
ئىككى رەھبەر سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدۇ.
كەچ سائەتلەردە بولسا سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكونىڭ شەرىپىگە رەسمىي كەچلىك زىياپەت بېرىلىدۇ.