بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارى ھادجا لاھبىب تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى تەييارلىق، كرىزىس باشقۇرۇش ۋە تەڭپۇڭلۇق كومىسسارى ھادجا لاھبىب، بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارى لاھبىبنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
خاقان فىدان ۋە لاھبىبنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئالدىنقى ئورۇندىكى مەسىلە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش بولىدۇ.
مىنىستىر فىدان، سۈرىيەدە تۈركىيەگە قارىتىلغان تېررور تەھدىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى يەتكۈزىدۇ.
ئۇچرىشىشتا ياۋروپا ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىدا قەدەم تاشلىشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىشى كۈتۈلمەكتە.
بۇ جەھەتتە ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەلىرى ۋە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىققا تەييار ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.
سۈرىيەگە قارىتىلغان ئىمبارگولارنىڭ مۇھىم ساھەلەردىن باشلىغانچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى قايتا چاقىرىق قىلىنىدۇ.
فىداننىڭ كۈن تەرتىپىدە سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەر، ئىختىيارىي ۋە تەرتىپلىك ۋەتىنىگە قايتىشى مەسىلىسىمۇ بولىدۇ.
قايتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان ئورتاق قەدەملەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.