ئاكىف چاغاتاي قىلىچ دۇنيادا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش قارىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى
جۇمھۇر رەئىسلىك تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، ياۋروپادا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش قارىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى تەرەپكە دىققەت تارتتى.
2232086

ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەدىكى دۈسسېلدورف باش كونسۇلخانىسىدا تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
باش مەسلىھەتچى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، بۇ يەردىكى سۆزىدە، كىشىلەرنىڭ ياشاۋاتقان جايىدا ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى خالىغان شەكىلدە ياشىشى ۋە قوغدىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپادا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش قارىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان قىلىچ: «بۇنىڭغا قارشى كۈرىشىمىزنى قەتئىي تۈردە ئېلىپ بېرىشىمىزكېرەك. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك كەمسىتىلىشى، بىزنىڭ ئىنسانىي ۋە ئىسلامىي قىممەت قاراشلىرىمىزغا زىتتۇر. ھەر كىمنىڭ ئۆز ئەقەللىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى دائىرىسىدە ئېتىقادى بويىچە ياشاش ھوقۇقى بار» دېدى.