ئەردوغان موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى خۇرېلسۇخ ئۇخنا بىلەن كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئالدى بىلەن خۇرېلسۇخ ئۇخنا بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى، ئاندىن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە خۇرېلسۇخ ئۇخنا بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئارىدىن تەخمىنەن 21 يىل ئۆتكەندىن كېيىن موڭغۇلىيەدىن تۈركىيەگە دۆلەت باشلىقى سەۋىيەسىدە ئەمەلگە ئاشقان زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى خۇرېلسۇخ ئۇخناغا رەھمەت ئېيتتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى خۇرېلسۇخ ئۇخنانىڭ ھۆكۈمەت ئەزالىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك بىيۇروكراتلار، سودا – سانائەتچىلەر، كارخانىچىلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى خادىملىرىدىن تەركىب ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى، يېقىن كەلگۈسىدە موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، سۈرىيە، پەلەستىن ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق نۆۋەتتىكى، رايونلۇق ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ، تۈنۈگۈن كەچتە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ كېلىشىمنىڭ ئۇدا 467 كۈندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلمىغا سەۋرچانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان غەززە خەلقىگە، بولۇپمۇ بارلىق پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزغا خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. بۇ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن قاتار ۋە مىسىر قاتارلىق ۋاسىتىچى دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز. گەرچە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان 50 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك شېھىت بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن غەززە تەسلىم بولمىدى، غەززەلىكلەر زالىمغا باش ئەگمىدى. ھازىر بىزنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ ۋەيرانچىلىقلارنى تۈگىتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز رايونغا يەتكۈزۈش قاتارلىق مۇھىم ئىشلار كۈتمەكتە.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي ھۇجۇم ۋە قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە.
1967-يىلقى چېگرا لىنىيەلىرى ئاساسىدا، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ئىگە، مۇستەقىل ۋە تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش نىشان قىلىنغان تىنچلىق سۆھبىتى دەرھال باشلىنىشى كېرەك.»