ئەردوغان: بىز كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزدىكى ۋەقەلەرگە ئارىلىشىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «سۈرىيەدىن غەززەگىچە بولغان كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزنىڭ ھەممىسىدە بىز بار، بىز (ئۇ يەرلەردىكى) ۋەقەلەرگە ئارىلىشىمىز، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ۋە مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرىمىز» دېدى.

2231801
ئەردوغان: بىز كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزدىكى ۋەقەلەرگە ئارىلىشىمىز

ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك كونيا ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى؛  ئۇ سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ رايون ۋە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان مۇھىم ۋەقەلەرنى كۈزىتىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە جايلاشقان رايوندا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز بۇلارنى ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل ۋە نەزەر بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق بولىدىغان شەكىلدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ھېچقانداق ئىشنى ئامىتىنىڭ كېلىشىگە تاشلاپ قويمايمىز. سۈرىيەدىن غەززەگىچە بولغان كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزنىڭ ھەممىسىدە بىز بار. بىر زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ۋە مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرىمىز. ۋەقەلەرگە ئارىلىشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر