ت ر ت دەمەشقتە ۋاكالەتخانا ئاچىدۇ
تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت (TRT) سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە ۋاكالەتخانا ئاچىدۇ.
2231800

تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت زاھىد سوباجىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ت ر ت نىڭ دەمەشقتە ۋاكالەتخانا ئېچىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىشكە باشلاندى.
بۇ دائىرىدە، سۈرىيە ئۇچۇر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن ۋاكالەتخانا ئېچىش رەسمىيەتلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
زۆرۈر رۇخسەتلەر ئېلىنغاندىن كېيىن، ت ر ت نىڭ دەمەشق ۋاكالەتخانىسى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ۋە ئۆزگىرىشلەرنى نەق مەيداندىن پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزۈشكە باشلايدۇ.
دەمەشق ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ت ر ت نىڭ چەت ئەلدىكى ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ سانى 19 غا يېتىدۇ.