تۈركىيە: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2231160
تۈركىيە: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، قاتار ۋە مىسىر قاتارلىق مۇرەسسەچى دۆلەتلەرگە ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىشى يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بۇنىڭدىن كېيىن كېلىشىمنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى ۋە غەززەگە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ نۇقتىلاردىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

پەلەستىندە تىنچلىق ئورنىتىلغان ۋە پەلەستىنلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئادالەتسىزلىككە خاتىمە بەرگەندىلا ئاندىن ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورناتقىلى بولىدۇ.

1967-يىلقى چېگرا لىنىيەلىرى ئاساسىدا پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، جۇغراپىيەلىك پۈتۈنلۈككە ئىگە، مۇستەقىل ۋە تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش نىشان قىلىنغان تىنچلىق سۆھبىتى دەرھال باشلىنىشى كېرەك. تۈركىيە كەلگۈسىدىكى باسقۇچتىمۇ پەلەستىن خەلقىنى داۋاملىق قوللايدۇ.»

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 10-ئايدىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 45 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قەتل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر