شەيبانى: سۈرىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى سۈرىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

2231336
شەيبانى: سۈرىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى

سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى تۇنجى قېتىم بىر تۈركىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا چىقىپ، تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ت ر ت خەۋەر قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا، سۈرىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىكىدۇر. بىز سۈرىيە زېمىنىدىن باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ئامىلغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز ۋە بۇ مەسىلىدە ناھايىتى تېز ھەرىكەتكە ئۆتىمىز» دېدى.

شەيبانى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى قوللىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، تۈركىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان يېڭى بىر سىياسىي دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدىمۇ توختالغان شەيبانى: «بىز ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنى قوغداشتا قەتئىي چىڭ تۇرىمىز. يېڭى تەھدىتلەرگە قارشى ھوشيارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۆزلىرىنى تۈركچە: «قېرىنداش تۈرك خەلقىگە قىلغان بارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر