مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئىراق ۋە سۈرىيەدە 3226 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

2231345
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئىراق ۋە سۈرىيەدە 3226 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 62 نەپىرى ئۆتكەن ھەپتىدە بولۇپ، 2024-يىلى 1-يانۋاردىن بۇيان جەمئىي 3226 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەتبۇئات ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ئىشلىرى، قوشۇمچە مىنىستىرلىق باياناتچىسى بىرىگادا گېنېرالى زەكى ئاقتۇرك مىنىستىرلىقتا ھەپتىلىك مەتبۇئاتنى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، 62 نەپىرى يېقىنقى بىر ھەپتىدە بولۇپ، 2024-يىلى يانۋاردىن بۇيان 3226 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە-قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونى ۋە خاكۇرك رايونىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان چارلاش-تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە بايقالغان ئۆڭكۈرلەردىن كۆپلىگەن قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.

تۈرك ئارمىيەسى تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قانخور تېررورچىلار دۆلىتىمىز ۋە رايونىمىزغا تەھدىت بولۇشتىن چىققۇچە داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر