ئەردوغان: ي پ گ ئۆزىنى تارقىتىۋەتمىسە، يېقىنلىشىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتتىن قۇتۇلالمايدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ئۆزىنى تارقىتىۋەتمىسە، يېقىنلىشىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتتىن قۇتۇلالمايدۇ، دېدى.
2230910

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «تۈركىيەنىڭ يېنىدىكى دۆلەت (سۈرىيە)گە پۈتۈنلەي ئورۇنلۇق ۋە قانۇنلۇق سەۋەبلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئىنسانىي سەۋەبلەر بىلەن ئارىلىشىشىدىنمۇ تەبىئىي بىر ئىش بولمايدۇ... بىز نەچچە يىللىق قېرىنداشلىق رىشتىمىز ۋە 911 كىلومېتىرلىق چېگرامىز بار قوشنا بىر دۆلەتكە غەربلىكلەرنىڭ قارىغىنىدەك قارىيالمايمىز» دېدى.
«بىز سۈرىيەدىكى ھەر قايسى قاتلاملارغا ئوخشاشلا كۇرد قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ بارلىق مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىزچىل كۆزىتىمىز، قوللايمىز ۋە كوردلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتچىسى بولىمىز» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سۈرىيەنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بۇلاپ-تالىغان ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئەگەر ئۆزى ئۆزىنى تارقىتىۋېتىپ قورال تاشلىمىسا، يېقىنلىشىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. ھەممەيلەن بۇ رايوندىن قولىنى تارتسۇن. بىز سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە دائېشنىڭ، ي پ گ نىڭ ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ بېشىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يانجىيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
سۆزى جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، «ئىسرائىلىيە سۈرىيە زېمىنلىرىغا قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچى ھۇجۇملىرىغا دەرھال خاتىمە بېرىشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، ئاقىۋەت ھەممەيلەن ئۈچۈن كۆڭۈلسىز بولىدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە، «15 ئايدىن بېرى قىرغىنچىلىق ۋە قەتلئاملار داۋاملىشىۋاتقان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھاسىل قىلىنىشى بىلەن، پۈتكۈل رايوندا ئۈزۈل-كېسىل تىنچلىق ۋە مۇقىملىق يارىتىش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەردوغان مالايشىياغا يۈرۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالايشىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.