سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

2230606
سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەيبانىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ شەيبانىنىڭ بۈگۈن بىر «يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى» بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «زىيارەت جەريانىدا مىنىستىرىمىز (خاقان فىدان)، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىمىز ياشار گۈلەر ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى رەئىسىمىز ئىبراھىم قالىننىڭ سۈرىيەلىك سۆھبەتداشلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈشى پىلانلانماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر