باش ئىشتاب باشلىقى بىريۇسسېلدا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مەتىن گۈرئاق رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى برۈسسېلغا يېتىپ باردى.

2230812
باش ئىشتاب باشلىقى بىريۇسسېلدا

گېنېرال مەتىن گۈرئاق بىريۇسسېلدا بېلگىيە  باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال فرېدېرىك ۋانسىنا تەرىپىدىن ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

زىيارەت دائىرىسىدە  ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇچرىشىشلاردا ھەربىي مۇناسىۋەتلەر، مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ھەمدە رايونلۇق ۋە خەلقئارا ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر