ئىزمىر دېڭىز ساھىللىرىدا نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىر ۋىلايىتى دېڭىز ساھىللىرىدا گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىلگەن ئىككىسى بالا بولۇپ، جەمئىي 27 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

2230448
ئىزمىر دېڭىز ساھىللىرىدا نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ چەشمە ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىلگەن ئىككىسى بالا بولۇپ، جەمئىي 27 قانۇنسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

ئەترەتلەر يەنە فوچا ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە 2 قېيىقتا 32 سى بالا بولۇپ، جەمئىي  58 قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈرگەن.

قانۇنسىز كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ىلايەتلىك كۆچمەنلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىش ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر