سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 9 تېررورچى يوقىتىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان  تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 9 تېررورچى يوقىتىلدى.

2230454
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 9 تېررورچى يوقىتىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان  تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 9 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

« تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىمىز قەتئىي بولۇپ، تېررورچىلار بۇ زېمىندىن ئۈزۈل - كېسىل يوقالغانغا قەدەر  تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر