پ ك ك سۈرىيەدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش» پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ سۈرىيەدىكى ئىشغالىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىراق ۋە ئىراندىن يۆتكەپ كەلگەن تەرەپدارلىرىنى قوراللىق تەربىيەلىمەكتە.

2230157
پ ك ك سۈرىيەدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش» پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ 3-يانۋاردىن باشلاپ ئىران ۋە ئىراقتا توپلىغان تەرەپدارلىرىدىن 1300 ئەر-ئايالنى سۈرىيەگە كىرگۈزدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ قوزغىغۇسى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى ئەينۇلئەرەب (كوبانى) دىكى ئىشغالىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سۈرىيە زېمىنىغا يۆتكەپ كەلگەن تەرەپدارلىرىنى ھەسەكە ۋىلايەت مەركىزى ۋە قامىشلى ناھىيەسىگە توپلىماقتا.

تېررورچىلار يۇقىرىقى جايلاردا توپلانغان تەرەپدارلىرىنى رەققە ۋە دەيرىزوردىكى قوراللىق تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا يۆتكىمەكتە.

سۈرىيە زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىشغال قىلىۋاتقان پ ك ك/ي پ گ ئىراقنىڭ شىمالىنى سۈرىيەنىڭ شىمالى-شەرقىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئۆتۈش ئېغىزى ئارقىلىق تېررورچى ئۇنسۇرلارنى سۈرىيەگە كىرگۈزمەكتە.

 

تۈركىيە سۈرىيەدىكى چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى توغرۇلۇق  چاقىرىقتا بولدى

ئۆتكەن ھەپتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۈرىيەدىكى چەت ئەللىك تېررورچىلار ھەققىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېگەنىدى:

«بىزنىڭ پ ك ك/ي پ گ گە ئۇلتىماتوم تاپشۇرغانلىقىمىز ھەممىگە ئايان. دەرۋەقە، ئۇلارغا ئامېرىكالىقلار ئارقىلىقمۇ، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىقمۇ ئۇلتىماتوم تاپشۇردۇق. خەلقئارالىق تېررورچى جەڭچى خاراكتېرىدىكى، تۈركىيە، ئىران ۋە ئىراقتىن كەلگەنلەر (سۈرىيەدىن) چوقۇم چىقىپ كېتىشى كېرەك.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسىي ئىشلار مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى جون باس تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى ۋە سۈرىيەدىكى چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ دۆلەتتىن چوقۇم چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر